«قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى زونگۇلداق دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى

تۈركىيەنىڭ «قانۇنى» ناملىق ئۈچىنچى بۇرغىلاش پاراخوتى زونگۇلداق دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى.

1527761
«قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى زونگۇلداق دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارادېڭىزدا بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ھەيدەرپاشا پورتىدىن تۈنۈگۈن قارادېڭىزغا ئۇزىتىپ قويۇلغان «قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى، زونگۇلداق ۋىلايىتىگە قاراشلىق فىليوس رايونى دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ باردى.

تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 227 مېتىر، ئېگىزلىكى 114 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر كېلىدىغان ۋە 61 مىڭ 316 ئىنگلىز توننىلىق يۈك توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە «قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ، فىليوس پورتىدا،  مۇنار قۇراشتۇرۇش، دېڭىزدا يول باشلاش سىنىقى ئېلىپ بېرىش، بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش ۋە قۇدۇق ئاستى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى رېمۇنت قىلىش خىزمەتلىرى تاماملىنىدۇ.

«قانۇنى» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى، 2021 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا، «فاتىھ» ناملىق پاراخوت بىلەن بىرلىكتە، قارادېڭىزدا تۇنجى نېفىت بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر