«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى 1 – 2 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدۇ

دۇنيا كۈنتەرتىپى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان 2020 - يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» نىڭ «‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› يۇقۇمىدىن كېيىنكى دۇنيادا خەلقئارالىق تۈزۈم ۋە ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلار» تېمىلىق تور يىغىنى 1 – 2 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدۇ.

1523549
«‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى 1 – 2 – دېكابىر كۈنلىرى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى (TRT) نىڭ خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە قانىلى «TRT World» تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلىرىگە چارە تېپىش يولىدا ئىزدىنىش ئۈچۈن 2017 – يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى، دۇنياغا داڭلىق مۇتەپەككۇرلارنى، سىياسىيونلارنى، رايون مۇتەخەسسىسلىرىنى ۋە ژۇرنالىستلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ كېلىۋاتقان مۇنبەرنىڭ بۇ يىلقى تېمىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن:

  «‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› يۇقۇمىدىن كېيىنكى دۇنيادا خەلقئارالىق تۈزۈم ۋە ئۆزگىرىشچان دىنامىكىلار»، «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> مەزگىلدە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا: يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ كېلەچىكى»، «‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› يۇقۇمى باسقۇچىدا بىلىم – ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى»، «يەر شارى خاراكتېرلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى ۋە ئورتاق چارە – تەدبىرلىرى»، تاللاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي مودېللار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش: ‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› يۇقۇمىدىن كېيىنكى مەزگىلدە كاپىتالىزىمنىڭ كېلەچىكى»، «سودا ۋە مائارىپ ساھەسىنىڭ كېلەچىكى: ‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› يۇقۇمىدىن كېيىنكى باسقۇچقا تەييارلىق قىلىش»،«‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم.»

«‹TRT World› مۇنبىرى» نىڭ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇ يىل تور مۇھىتى ئاستىدا چاقىرىلىدىغان يىغىنىدا، ئۇدا 2 كۈن بويىچە 20 دىن ئارتۇق ئولتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

2020 – يىللىق «‹TRT World› مۇنبىرى» يىغىنى ئۈچۈن « www.trtworldforum.com» ئىنتېرنېت ئادرېسىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر