«فاتىھ» بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز «فاتىھ» ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ «تۈركئەلى -1» قۇدۇقىدا بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1522335
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر دۆنمەز، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ،بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قارادېڭىزنىڭ <فاتىھ> ى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن <تۈركئەلى – 1> قۇدۇقىدا بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىدۇق. پائالىيەتلىرىمىز ئۇدا 75 كۈن داۋاملىشىدۇ، بەرىكەتلىك بولغاي!»
تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك بۇرغىلاش پاراخوتى «فاتىھ»، 19 – ئۆكتەبىر كۈنى قارادېڭىزدا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغاندىن كېيىن، رېمونت ئىشلىرى ئۈچۈن زونگۇلداق ۋىلايىتىنىڭ چايجۇما ناھىيەسىگە قاراشلىق فىليوس رايونى دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارغانىدى.