مىنىستىر قۇرۇم: ھازىرغىچە 100 پۇقرايىمىزنى قۇتقۇزۇۋالدۇق
مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر پىلانلاش ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم ئىزمىردىكى يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 100 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇم، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئىزمىر شۆبىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ساھەدە تەخمىنەن 5 مىڭ خادىم ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 56 مىڭ كىشىلىك دالا ئۇزۇقلىنىش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئەترەتلىرىمىز ساھەدە خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان بىنالارنىڭ ئاھالىلىرىغا يۆتكەش ياردىمى بېرىلىدۇ.»
ئاممىۋى ئۆي - مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، ئۇزاق مەزگىللىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى بىلەن ماس قەدەمدە خىزمەت ئىشلەشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرۇم، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىنالارنىڭ ساھىبلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىجارە ياردىمى بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىزمىرنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە تۈنۈگۈن 6.6 بال يەر تەۋرىگەنىدى.
جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، ئەنقەرە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئەگە دېڭىزى» دا، ئىزمىرىنىڭ سەفەرىھىسار ناھىيەسىنىڭ 17 كىلومېتىر يىراقلىقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە، 16.54 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.