ئەردوغان ۋىلدېرس ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيە ئاشقۇن ئوڭچىل ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋىلدېرسنىڭ ئۈستىدىن، ھاقارەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلىرى سەۋەبىدىن سوتقا ئەرز سۇندى.

1516669
ئەردوغان ۋىلدېرس ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادۋۇكاتى ھۈسەيىن ئايدىن تەرىپىدىن سوتقا سۇنۇلغان ئەرزنامىدە، ۋىلدېرسنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا، چۈشەنچە ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدە قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، چۈنكى ۋىلدېرسنىڭ ئۇچۇرلىرىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شان – شەرىپى ۋە ئىزززەت – ھۆرمىتىنى رەنجىتىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىلدېرس ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنۇلۇشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر