بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئاغرى ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي بايازىت قىشلاقلىرىدا «چاقماق – 3» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1508784
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئاغرى ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي بايازىت قىشلاقلىرىدا، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا «چاقماق -3» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە باشلانغان ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئاغرى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى بىلەن، 2020 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردىن 13 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، شەرقىي بايازىت ناھىيەسىنىڭ «ئاغرى تېغى» قىشلاقلىرىدا جەمئىي 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، تېررورچىلارغا ئائىت قورال – ياراغلار، كۆپ ساندا تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى، ئۇرۇش ياردەم ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر