چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نى دىيارباكىر ئانىلىرىنى قوللاشقا چاقىردى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دوستلىرى» يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دىيارباكىر ئانىلىرىنى قوللاشقا چاقىردى.
1499346
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دوستلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن پەرزەنتلىرى قېچىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئازابلىرىنى بايان قىلدۇق. ب د ت تېررورىزم قۇربانلىرىنى قوللاش ئۈچۈن پائال خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك» دېدى.
دىيارباكىر ئانلىرى، دېگەن نام بىلەن ئاتىلىۋاتقان ئائىلىلەر، پ ك ك تەرىپىدىن ئالداپ ياكى تۇتۇپ كېتىلگەن پەرزەنتلىرى بىلەن دىدارلىشىش ئۈمىدىدە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ دىيارباكىر ۋىلايەتلىك شۆبە بىناسى ئالدىدا 2019 – يىلى 3 – سېنتەبىردىن بۇيان ئولتۇرۇۋېلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.