ئەردوغان دودون بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون بىلەن تېلېفونلاشتى.
1497596
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە - مولدوۋا مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سۆھبەت ئەسناسىدا، تۈركىيە – مولدوۋا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇر شەكىلدە بارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.