چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغان باڭلادېشقا ياردەم بەردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغان باڭلادېشقا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1490456
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغان باڭلادېشقا ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، باڭلادېش دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابۇل كالام ئابدۇلمۆمىن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ھەققىدە  تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تۈركىيە بىلەن باڭلادېش ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ھەمدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن باڭلادېشقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ باڭلادېش ئۈچۈن قانچىلىك چوڭ يۈك بولغانلىقىنى بىلىمىز. 4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالايمىز، چۈشىنەلەيمىز، بولۇپمۇ بۇ يۈكنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن باڭلادېشقا ياردەم بېرىۋاتىمىز.»»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە 2017 – يىلى باڭلادېشنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردىكى ئاراكانلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ شۇندىن بۇيان بارلىق ئورگانلىرى ھەم تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاراكانلىقلارنىڭ يېمنىدا بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭمۇ پەقەت ئاراكانلىقلارغىلا ئەمەس، باڭلادېشنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەرەققىيات لايىھەلىرىگە ناھايىتى مۇھىم ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدىمۇ  پۈتكۈل باڭلادېش خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى باسقۇچتىمۇ ھەردائىم باڭلادېشلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر