فاھرەتتىن ئالتون بىلەن ئۆمەر چەلىك جو بايدىنغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە يېڭى پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ تۈركىيەگە قاراتقان شەرمەندىلەرچە باياناتىغا «ئېغىزىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلار ئېغىزىغا يەيدۇ» دەپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

1473654
فاھرەتتىن ئالتون بىلەن ئۆمەر چەلىك جو بايدىنغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
omer celik.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋەرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن جو بايدىننىڭ بايانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە دېموكراتىك سىياسىي مۇھىتنىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىەزلارچە باياناتلار ئارقىلىق بۇزۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەققانىي كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتون ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، بايدىننىڭ دېكابىر ئېيىدا ئېلان قىلغان بىراق، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان باياناتلىرىنىڭ، تۈركىيەگە قارشى ئوينىلىۋاتقان سۇيىقەستلىك ئويۇنلار ۋە تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەم دەخلى-تەرۇز قىلىش پوزىتسىيەلىرىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ باياناتنىڭ ھەم دېموكراتىيەگە ھەمدە تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن فاھرەتتىن ئالتون: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ دېموكراتىيەدىمۇ قىلچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان بۇنداق بىمەنە باياناتلىرىنىڭ ھازىرقى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيە سۇيىقەستلىك سىياسىي ئويۇنلار ئۈچۈن كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىنىدىغان بىر دۆلەت ئەمەس» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتون ئامېرىكا سىياسىي ئورگانلىرى ھەم جامائەتچىلىكىنىڭ، كۈندىلىك سىياسىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن ئېلان قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولغان بۇ مەسئۇلىيەتسىزلارچە بايانلارغا سۈكۈت قىلماستىن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشى دېموكراتىيەنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە دېموكراتىك سىياسىي ئاسموسفېرانىڭ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىەزلارچە باياناتلار ئارقىلىق بۇزۇلۇشىغا ئەسلا يول قويمايدۇ، جۇمھۇر رەئىسىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ھەققانىي كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ. ھېچكىمنىڭ مىللىي ئىرادىمىزغا ۋە دېموكراتىيەمىزگە ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى يوق. خەلقنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلانغان جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە تىل تەككۈزۈش ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەس. بۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016 – يىلى 16 – ئىيۇل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان كېچىسى تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشتى. بۇ دوستانە بىر ئەسكەرتىشتۇر» دېدى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ: «بايدىن قىلغان سۆزلىرىنىڭ <سىياسىي ئۆزگىرىش> خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇنىڭ ئۇقۇمى <سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسى> دۇر. بايدىن ۋېنېزۇئېلادىكى كۈنتەرتىپىنى تۈركىيەگە يۆتكەپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپتۇ. ئۆتمۈشتە قورچاق ھاكىمىيەتلەردە ئىشقا ئاشۇرغان پىلانلىرىنى ئەمدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىقى بىلەن، ھەم دېموكراتىك ئىدېئولوگىيەلەر بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسى خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن سايلىنىپ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىزگە قارشى سىياسىي پوزىتسىيە يارىتىش، تۈركىيەگە قارشى سىياسىي پوزىتسىيە يارىتىش دېمەكتۇر» دېدى.

بايدىننىڭ، دېكابىر ئېيىدا «ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن بىمەنە سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر