مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ئەزەربەيجاندا...

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى.

1472050
مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى ئەزەربەيجاندا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتتە تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمېرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك ھاسان كۈچۈكئاقيۈز قاتارلىقلار بار.

خۇلۇسى ئاقار ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى، ئەزەربەيجاندىكى پىروگراممىسى دائىرىسىدە تۈركىيە – ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ سەرخىل كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدۇ ۋە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر