تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە مانېۋىرى داۋام قىلماقتا

ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئەزەربەيجاندا باشلىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى - «تۇرئاز بۈركۈتى- 2020» داۋاملاشماقتا.

1469201
تۈركىيە - ئەزەربەيجان بىرلەشمە مانېۋىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، تۈركىيەنىڭ F-16 ئايروپىلانلىرى بىلەن ئەزەربەيجان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مانېۋىر جەريانىدا سېنارىيەگە ئاساسەن كېچە- كۈندۈز ئۇچۇپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان.

ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە، قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى، ھاۋادا تۇرۇپ يەردىكى نىشانلارنى يوقىتىش دېگەندەك ۋەزىپىلەر ئورۇنلانغان مانېۋىر جەريانىدا، ئايروپىلانلار توسۇش ، ھېمايە قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئورۇندىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر