تۈركىيە لىۋانغا بۇغداي ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، تۈركىيەنىڭ لىۋانغا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى – تىكا ئارقىلىق 400 توننىغا يېقىن بۇغداي ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1468053
تۈركىيە لىۋانغا بۇغداي ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، ئالدىنقى كۈنى بېيرۇت پورتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن لىۋاننىڭ جاراھەتلىرىگە مەلھەم بولۇش يولىدا قەدەم تاشلانغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە لىۋانغا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى – تىكا ئارقىلىق 400 توننىغا يېقىن بۇغداي ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر مەھمەت نۇرى ئەرسوي تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى پارتلىغۇچ ماددىلار ساقلىنىۋاتقان بىر ئىسكىلاتتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتكە قىلماقچى بولغان ياردەملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جانابلىرىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، دۆلىتىمىز لىۋاننىڭ جاراھەتلىرىنى تېڭىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. بېيرۇتتىكى پارتلاش نەتىجىسىدە بۇغداي زاپاسلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالغان لىۋانغا تۈركىيە ياردەم قولىنى سۇندى. تىكا 400 تونناغا يېقىن بۇغداينى لىۋانلىق ئەمەلدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ» دېدى.

بېيرۇت پورتىدىكى پارتلىغۇچ ماددىلار ساقلىنىۋاتقان 12 – نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا ئالدىنقى كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئارقىدىن پۈتكۈل بېيرۇتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىنتايىن شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەرگەن، ۋەقەدە 135 ئادەم قازا قىلغان، 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانىدى.

پارتلاشتا بۇغداي ئامبارلىرىمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى؛ پايتەخت بېيرۇتتا 2 ھەپتىلىك جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە كېڭىشى، بۇغداي تولۇقلاشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر