ئاياسوفيا 24-ئىيۇل (2020) ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ

ئاياسوفيا جامەسىدە ئوقۇلىدىغان تۇنجى قېتىملىق ناماز تەييارلىقلىرى قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

1459928
ئاياسوفيا 24-ئىيۇل (2020) ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، يۈجەل ئارزەن سۆزى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن «ئاياسوفيا» ناخشا ئالبومىغا ئورۇن ئاجراتتى. ناخشىنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى سەنئەتچىلەر ئوقۇدى.

قىرغىزچە، بوشناقچە، ئالبانچە، ئەزەرىچە، كۈرتچە (كورد)، سۋاھىلىچە، ئەرەبچە، بىنگالچە ۋە يۈجەل ئارزەن تەرىپىدىن تۈركچە ئوقۇلغان ناخشا ئالبومى ۋە ناخشا تېكستى زور قىزىقىش قوزغىدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇچۇرىدا: «ئاياسوفيا ... شاماللار يەلپۈسۇن قۇببەڭدە ھۆررىيەتىڭ. تا ئەزەلدىن سەن بىزنىڭ، بىزمۇ سېنىڭ» دەپ يازدى.

مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 10-باشقارمىسى 2020-يىلى 10-ئىيۇل ئاياسوفيانى جامەدىن مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك 1934-يىلى 24-نويابىر چىقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن، ئاياسوفيانىڭ جامە سۈپىتىدە ئىبادەتكە ئېچىلىشىنىڭ يولى ئېچىلغان ئىدى. سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغا، ئاياسوفيانىڭ «فاتىھ سۇلتان مەھمەت خان ۋەخپىسى» نىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكىنى ۋە جامە سۈپىتىدە خەلقنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسەتكەن ئىدى.

قاراردا: «ۋەخپە ھۆججىتىدىكى جامە بولۇش خۇسۇسىيىتىنىڭ سىرتىدا ئىشلىتىشكە ۋە باشقا مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ، دېگەن ماددىغا بويسۇنماسلىقنىڭ، قانۇنىي جەھەتتىن قەتئىي بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىندى» دېيىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر