سۇغا چۆكۈپ كەتكەن قولۋاقتىكى مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىر ئايۋالىق ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە سۇغا چۆكۈپ كەتكەن قولۋاقتىكى 35 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى. يوقاپ كەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن تۆت كىشىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1445579
سۇغا چۆكۈپ كەتكەن قولۋاقتىكى مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىكەسىر ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق مەركىزى كېچىدە چىپلاق ئارىلىنىڭ غەربىگە 1 مىل كېلىدىغان جايدا مۇساپىرلار ئولتۇرغان بىر يەل قولۋاق توغرىسىدا ئاخبارات تاپشۇرۇۋالدى.

ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا قولۋاقنىڭ يېرىمىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى ۋە دېڭىزدا مۇساپىرلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭ بىلەن، رايونغا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۈچ قولۋاق، تىك ئۇچار ۋە غەۋۋاسلار ئەۋەتىلدى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 35 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى. بۇ كىشىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى يەل قولۋاقنى كېسىپ تاشلىغان ۋە قولۋاقنىڭ بېنزىنىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىتتىرىلگەن.

مۇساپىرلارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن يوقاپ كەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن تۆت كىشىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر