ئافرىندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلدى
زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن ئازاد قىلىنغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىن ناھىيەسى مەركىزىدە، تېررورچىلار تەرىپىدىن قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا، 2 پۇقرا قازا قىلدى ۋە 5 پۇقرا يارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە موتسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلىتىشى بىلەن يۈز بەردى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، تېررورچىلاردىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى YPG / PKK تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافرىن ناھىيە مەركىزىدە 20 – ئىيۇن كۈنىمۇ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىشى نەتىجىسىدە، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 پۇقرا يارىلانغان ئىدى.
YPG / PKK تېررورچىلىرى تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 - يىلى 22 - ئۆكتەبىردە تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە بېكار قىلىشى كېرەكلىك بولغان تەل رىفات ناھىيەسىدىن پات پات باب، ئازەز ، جارابلۇس ۋە ئافرىن رايونلىرىنى نىشان قىلغان ھالدا تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.