ئاقار بىلەن قوماندانلار چېگرا رايونىدا
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى چېگرا رايونىغا جايلاشقان شىرناقتىكى ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىدە «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى قوماندانلىرى چېگرا رايونىغا جايلاشقان شىرناقتىكى ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىدە «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات خىزمىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.
يېقىندىن بۇيان ئىراقنىڭ شىمالىدىن قاراۋۇلخانىلار ۋە ھەربىي بازىلارغا تاجاۋۇز ھەم ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆپەيتىپ، چېگرا رايونلىرى ۋە خەلقنىڭ ئامالىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا قوزغىغان «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.
15 – ئىيۇن كۈنى باشلانغان «پەنجە – قارتال (بۈركۈت)» ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «پەنجە – قاپلان» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالاھىدە قىسىملار، ھافتانىن رايونىدا تېررورچىلارغا ئائىت نىشانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.