تۈركىيە چادقا ئىككىنچى قېتىم تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلدى

تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئافرىقا دۆلىتى چادقا ئىككىنچى قېتىم تېببىي لازىمەتلىكلەر ئەۋەتتى.

1438680
تۈركىيە چادقا ئىككىنچى قېتىم تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان، ئۈستىگە مەۋلانانىڭ، «ئۈمىدسىزلىكلەردىن كېيىن قانچىلىغان ئۈمىدلەر باردۇر، قاراڭغۇلۇقتىن كېيىن قانچىلىغان قۇياشلار باردۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزلىرى يېزىلغان تېببىي لازىمەتلىكلەر بىلەن بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ئەتىمەسگۇت ئايرودۇرۇمىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئائىت « A400M» تىپلىق يۈك ئايروپىلانىغا قاچىلاندى، ئاندىن ئايروپىلان پايتەخت ئەنقەرەدىن سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشوغا قاراپ يولغا چىقتى.

تۈركىيە ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى دۆلەتكە تېببىي لازىمەتلىكلەرنى ياردەم قىلغانىدى.

ئافرىقا دۆلىتى چادقا ئىلگىرىمۇ 26 – ماي كۈنى تېببىي لازىمەتلىك بىلەن بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئەۋەتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر