تۈركىيە چاد ۋە نىگېرگە يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇندى

تۈكىيە بىلەن نىگېر ئوتتۇرىسىدا 21 – مايدا، پايتەخت ئەنقەرەدە ئىمزالانغان ياردەم كېلىشىمىگە ئاساسەن، سەھىيە ساھەسىدە 50 مىڭ ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 50 مىڭ خالات، 30 مىڭ N95 ماسكا ۋە  2 مىڭ بىخەتەرلىك كۆزەينىكى ئىئانە قىلىنىدىغان بولدى.

1437771
تۈركىيە چاد ۋە نىگېرگە يەنە بىر قېتىم ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 6- ماي ۋە   21- مايدا ئەنقەرەدە ئىمزالانغان سەھىيە ساھەسى بويىچە ياردەم بېرىش كېلىشىمى دائىرىسىدە چادقا 1000 دانە كوۋىد -19 تەكشۈرۈش ئەسۋابى، 5000 ئوكسىگېن ناركوز ماسكىسى، 50 مىڭ خالات، 30 مىڭ N95 ماسكا، 100 مىڭ ئوپېراتسىيە ماسكىسى، 5 مىڭ بىخەتەرلىك كۆزئەينىكى، 50 مىڭ ئاياغ قاپقىقى، 50 مىڭ پەلەي، 2  جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىلى، 10 يەللىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى بېرىلىدىغان بولدى.

نىگېر ۋە چادتا، دوستلۇق ۋە ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە تۈركىيەدىن ياردەم قىلىنغان داۋالاش ئەسلىھەلىرى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

چاد سەھىيە مىنىستىرى مەھمۇد يۈسۈپ خايال كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشتە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قېيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  «قولىمىزدا پەقەت تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن 25 نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى بار» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر