ئەردوغان «فاتىھ» نى ئۇزىتىپ قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارادېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن يولغا چىققان نېفىت بۇرغىلاش پاراخوتى «فاتىھ» نى يولغا سالدى.

1426136
ئەردوغان «فاتىھ» نى ئۇزىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك نېفىت بۇرغىلاش پاراخوتى «فاتىھ»، قارادېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ «ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئىمپېراتورلىرىدىن فاتىھ سۇلتان مەھمەت تەرىپىدىن» پەتھى قىلىنىشىنىڭ 567 – يىللىق خاتىرە كۈنىدە يولغا چىقتى.

ئەردوغان ساھىل بىخەتەرلىك پاراخوتىدىن نېفىت بۇرغىلاش پاراخوتىنى يولغا سالغاندا مۇنداق دېدى: «قۇتلۇق سەپىرىڭلار خەيرلىك بولغاي. جانابىي ئاللاھ پائالىيەتلىرىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلغاي. ئاقيول بولسۇن. ئاللاھ تائالا سىلەرنى بالا - قازادىن ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر