تۈركىيە 5 دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيە توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە، مىسىر، گىرېتسىيە، قىبرىس رىم دائىرىلىرى، فىرانسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1415521
تۈركىيە 5 دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيە توغرىسىدىكى باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، گىرېتسىيە، قىبرىس رىم دائىرىلىرى، فىرانسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا ئالاقىدار بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇرۇپ، «گىرېتسىيە، قىبرىس رىم دائىرىلىرى، فىرانسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۈگۈن شەرقىي ئاقدېڭىز (شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز) ۋە لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتى، يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئارقىلىق رايون خاراكتېرلىك قالايمىقانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق يارىتىشنىڭ ئارقىسىدا چېپىۋاتقان، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە ئۈمىدلىرىنى ئىسيانچى دىكاتورىلارنىڭ بىپەرۋالارچە ھۇجۇملىرىغا قۇربان قىلىۋېتىشتا مەسىلە يوق دەپ قارايدىغان، ئەمما پىلانلىرى تۈركىيە تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغىنىدا ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولىدىغان بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ ئىبرەتلىك ئۈلگىسىدۇر» دېدى.

گىرېتسىيە ۋە قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ ئورنىغا مەسىلە بىلەن ئالاقىسى بولمىغان رايون سىرتىدىكى ئاكتىيورلاردىن مەدەت كۈتۈشىنىڭ، بېقىندى ۋە مۇستەملىكىچى لوگىكىنىڭ مەھسۇلىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان يوللۇق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنىڭ ناھەق ۋە قانۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن بۇرمىلىنىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ مىسىر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ۋە خەلقىنى قوغداشتىن ئاللىقاچان ۋاز كەچكەندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شەرقىي ئاقدېڭىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر جايغا جەم قىلغان ئامىل تۈركىيە دۈشمەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ دۆلەتنىڭ ھەم بىزگە ھەم لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئۆتمۈشى ئېنىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، گىرېتسىيە، قىبرىس رىم دائىرىلىرى ۋە فىرانسىيە لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەر قارمىقىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارغا ئىشارەت قىلماستىنلا، «لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرغان» ىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر