تۈركىيە ئاراكان ۋە پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارغا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا...

1408469
تۈركىيە ئاراكان ۋە پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارغا ياردەم قولىنى سۇندى
diyanet gazze yardim.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوئوردىناتسىيە ئاگېنىتلىقى تەرىپىدىن باڭلادېشنىڭ كوكس بازار شەھىرىگە يېقىن جايدىكى ئوخشاش بولمىغان لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا 5000 دانە ياردەم ساندۇقى تارقىتىپ بېرىلدى.

ياردەم ساندۇقلىرىدا قوغدىغۇچى ماسكا، سوپۇن، چاچ سوپۇنى، تازىلىق سۇيۇقلۇقى، چىش پاستىسى قاتارلىق خۇسۇسىي تازىلىق لازىمەتلىكلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەنىڭ نامرات ئائىلىلىرىگە ئۇزۇقلۇق ياردىمى بەردى. پەلەستىن ۋەخپىلەر ۋە دىيانەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق پىدائىيلار، ياردەم ئەشيالىرىنى غەززەدىكى موھتاجلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر