ئەردوغان: دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەگە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر پەنجىرىلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيەگە تېپىلغۇسىز ئىمكانىيەتلەر ۋە پۇرسەتلەر پەنجىرىلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1406965
ئەردوغان: دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەگە تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەر پەنجىرىلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتى  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى، جۇمھۇر رەئىس ۋە ئاق پارتىيە رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلدى.

ئەردوغان، يىغىندا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەگە تېپىلغۇسىز ئىمكانىيەتلەر ۋە پۇرسەتلەر پەنجىرىلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى پىلان بويىچە تەدرىجىي ھالدا بىكار قىلىنغىنىدا، تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىش چارقى قايتىدىن ئۇچقاندەك ئايلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە تەدبىرلەرگە رىئايە قىلغان ئەزىز خەلقىمىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ چوڭ تايانچ مەنبەيىمىز بولغان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ دىلىدىن چوڭقۇر ئورۇش ئېلىشقا تىرىشىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر