بىرىنچى مەجلىستە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

«23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىرىنچى مەجلىستە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

1404056
بىرىنچى مەجلىستە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى
şentop tbmm.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمغا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا شەنتۇپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبىرى دۆلەت باھچەلى، باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندار، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادنان ئۆزبال، ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈز ۋە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.

شەنتوپ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۇ مەجلىس شەرت – شارائىتنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ناچار بولۇشىغا قارىماي، خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلىش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان قەھرىمان بىر مىللەتنىڭ سىمۋولىدۇر.»

كېيىنچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى پارلامېنت باشلىقى شەنتوپنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، «تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقى» ۋە «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس كۈنتەرتىپكە ئاساسەن توپلاندى.

شەنتوپ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان غازى مەجلىسىمىز، مىللىي كۈرەشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، ئەكسىچە بىۋاسىتە مەركىزى ۋە قارارگاھىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر