دىيارباكىردا 2 تېرورچى بىر تەرەپ قىلىندى
دىيارباكىرنىڭ لىجە يېزىسى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 2 تېرورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1398076
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدە، دىيارباكىرنىڭ لىجە يېزىسىدىكى ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.
ھەرىكەتتە 2 تېررورچى بىرتەرەپ قىلىنغان.
رايوندا تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە