ياۋروپادىن كېلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئىستانبۇلدا 14 كۈن بويىچە كۆزىتىلىدۇ

گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدىن ئىستانبۇلغا كېلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى 14 كۈن بويىچە ئىستانبۇلدا كارانتىن قىلىنىدۇ / كۆزىتىلىدۇ.

1379132
ياۋروپادىن كېلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئىستانبۇلدا 14 كۈن بويىچە كۆزىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملانغانلار سانى 18 گە كۆپەيدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بايانات بېرىپ، «يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغانلار سانى 12 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىككىسى تۇنجى بايقالغان بىمارنىڭ ئالاقە دائىرىسىدىكى كىشىلەردۇر. (بۇلارنىڭ ئىچىدە) ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر 7، ئامېرىكادىن كەلگەنلەر 3 تۇر. ھازىرغىچە جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 18» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، گېرمانىيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدىن ئىستانبۇلغا كېلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى 14 كۈن بويىچە ئىستانبۇلدا كارانتىن قىلىنىدۇ / كۆزىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر