ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ۋاندا يۈز بەرگەن قار كۆچۈش پالاكىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

1354215
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ۋان ۋىلايىتىمىزدە مەيدانغا كەلگەن قار كۆچۈش پالاكىتىدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر