سويلۇ: ھەربىي ھەرىكىتىمىز ئافرىننىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى

سۈلەيمان سويلۇ، تۈركىيە ئافرىندا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارمىغان بولسا ئىدى، ، پ ك ك ئافرىننى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەركىزىگە ئايلاندۇرغان بولاتتى،دۆلەت دېدى.

1346716
سويلۇ: ھەربىي ھەرىكىتىمىز ئافرىننىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، تۈركىيە ئافرىندا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارمىغان بولسا ئىدى، ، پ ك ك ئافرىننى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەركىزىگە ئايلاندۇرغان بولاتتى،دۆلەت دېدى.

سۈلەيمان سويلۇ ئانتاليادا سۆز قىلىپ، بەزى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا قىلغان مۇقىمسىزلىق، كىرىم تەڭسىزلىكى، ۋاكالىتەن ئۇرۇشلارغا تايىنىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررور ۋە زوراۋانلىقنىڭ ھەم زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنى ھەم كۆچۈش ھادىسىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، «سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارمىغان بولساق، ئافرىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قانداق بىر ئىشقا دۇچ كەلگەنلىكىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىي ناماياندىسىدۇر» دېدى.

پ ك ك نى ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سويلۇ، «يىللاردىن بۇيان بۇ تەشكىلاتقا جان سۈيى بېرىشتىن، قورال بېرىشتىن، تېررورچىلارغا پاناھلىنىش ھوقۇقى بېرىشتىن، قوللاپ – قۇۋۋەتلەشتىن، بىۋاسىتە ھالدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتىن باش تارتمىدى. پ ك ك ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىدە قوراللىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارمىغانلىقى ئۈچۈن، زەھەرلىك چېكىملىك تېررورىنى كۆرمەسكە سېلىشماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر