تۈركىيە لىۋىيەدە يۈز بەرگەنلەرگە قاراپ تۇرالمايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ۋەقەلەرگە جىمجىت قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1327022
تۈركىيە لىۋىيەدە يۈز بەرگەنلەرگە قاراپ تۇرالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۇئالا لۇمپۇر دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان مالايشىيادا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ لىۋىيەدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھافتەرنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «ھافتەر قانۇنلۇق سىياسەتچى ئەمەس، بەلكى قانۇنسىز. ئۇنى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلماقچى بولغانلار بار. لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى فايىز ئەسساراج بولسا، قانۇنلۇق رەھبەر، قانۇنلۇق ۋەكىل» دېدى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ فايىز ئەسساراجنى ھېچنىمىگە ھېسابلىماسلىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مىسىر، ئابۇ زابى، فىرانسىيە ھەتتا ئىتالىيە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى رۇسىيە ئۆزى كۆرۈنمىسىمۇ تەشكىللىگەن بىر شىركەت بار. ئامېرىكانىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان شىركەتلىرى كۆپ. مەسىلەن، ئافغانىستاندا سابىق ئەسكەرلەر شىركەتلەشكەن ئىدى. ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بېرىدۇ، ئۇلارمۇ ئافغانىستاندا قانۇنسىز ھالدا ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇلار لىۋىيەدە رۇسىيەنىڭ «ۋانگېر» دېيىلىدىغان شىركەت ۋاستىسى ئارقىلىق كىرالىق ئەسكەرلەر سۈپىتىدە ھافتەرنى قوللاپ ئۇرۇش قىلماقتا. ئۇلارنىڭ پۇلىنى كىملەرنىڭ بېرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. تۈركىيەنىڭ يۈز بەرگەن بارلىق بۇ خىل ئىشلارغا جىمجىت قاراپ تۇرۇشى توغرا ئەمەس. بىزمۇ قولىمىزدىن كەلگەننى ھازىرغىچە قىلىپ كەلدۇق ۋە شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ لىۋىيە خەلقىنىڭ تۈركىيەنى قوللىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، لىۋىيەلىك بىر ئاكادېمىكنىڭ ئۆزىگە: «تۈركىيەنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا ئىدى، بولۇپمۇ فىرانسىيە، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىزگە كۆپ قىيىنچىلىق پەيدا قىلاتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر