ئەردوغان جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 746 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ ھەربىرى ھېكمەت بۇلىقى ئورنىدىكى سۆزلىرى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئەسىرلەر بويىچە نۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر مەشئەلنى ياققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1324557
ئەردوغان جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 746 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 746 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، بۈيۈك مۇتەپەككۇر، سوپى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنى سېغىنىش ۋە ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ، ئانادولۇ زېمىنلىرىدا دۇنياغا كەلگەن، ھېكمەت ۋە ئىلىملىرى پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان، دۇنيا مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ھەق ۋە ھەقىقەت يولۇچىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان مەۋلانانىڭ، 746 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ھەقىقەت ئىشقى ۋە ئىنسان سۆيگۈسىدىكى سەمىمىيىتى، پىكىرلىرى ۋە ئەسەرلىرى بىلەن مىليونلارچە ئىنساننى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ خوراساندىن باغدادقىچە، مەككە – مەدىنەدىن شامغىچە بولغان زىيارەت قىلغان بارلىق ئىلىم – ئېرپان مەركەزلىرىدىن ئىگىلىگەن بىرىكمىسىنى ئانادولۇغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، ئۇنىڭ ھەربىرى ھېكمەت بۇلىقى ئورنىدىكى سۆزلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئەسىرلەر بويىچە نۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر مەشئەلنى ياققانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۈگۈن ئاخىرقى ۋە ئەبەدىي ۋەتىنىمىز سۈپىتىدە مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ زېمىنغا، دىللارنى پەتھى قىلىپ مۆھىرىمىزنىڭ بېسىلىشىدا، مەۋلانانىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بۇلاقتىن ئۇزۇق ئالغان يۇنۇس ئەمرە، ھاجى بايرامى ۋەلى، ھاجى بەكتاش ۋەلىگە ئوخشاش كۆڭۈل سۇلتانلىرىنىڭ بۈيۈك مېھنىتى، تۆھپىسى، ئىزى باردۇر» دېدى.

ئەردوغان، «بىزنى مۇھەببەت بىلەن بىر – بىرىمىزگە باغلىغان بۇ بۈيۈك مىراستىن ئالغان كۈچىمىز ئارقىلىق ئالدىمىزغا چىققان بارلىق قىيىنچىلىق ۋە توسۇقلارنى ھالقىپ، كۆڭۈل سۇلتانلىرىمىزنىڭ ئامانىتى بولغان سەۋر ۋە كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، بۈگۈنىمىزدىن پارلاق، خاتىرجەم ۋە تىنچلىققا تولغان ئەتىلەرگە، ئىنشائاللاھ، ھەممىمىز بىرلىكتە يېتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر