ئەردوغان شىۋېيتسارىيەگە يېتىپ باردى
شىۋېيسارىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر تۈركىيە جۇمھۇرە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى، پايتەخت جەنۋەدە قونۇپ قالىدىغان مېھمانساراينىڭ كىرىشىدە قىزغىن قارشى ئالدى.
1324341
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر شارى مۇساپىرلار مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىۋېيىسارىيە پايتەختى جەنۋەگە يېتىپ باردى. شىۋېيسارىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قونۇپ قالىدىغان مېھمانساراينىڭ كىرىشىدە، ئۇنى تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا سۆيگۈ بىلەن كۈتۈۋالدى. تۈركلەر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسىمى چاپلانغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىلىدىن چۈشۈپ، ئۆزىنى قارشى ئالغان تۈرك ئاممىسىغا سالام بەردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلماقتا
تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئومۇمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى 52 مىڭ توننىدىن ئاشتى.