ئەردوغان جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان «دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرى» غا قاتنىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلدى.

1322159
ئەردوغان جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان «دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرى» غا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن مۇساپىرلار كىرىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ، 16 – دېكابىردا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرى» دە بولۇپمۇ مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك تەسىرلىرىنىڭ ئەتراپلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىق سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، سۈرىيەدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش ۋە مۇساپىرلارنىڭ يۇرت – ماكانلىرىغا بىخەتەر ھالەتتە قايتىشى مەسىلىسىنىڭمۇ ب د ت باش كاتىپى ھەم مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى بىلەن كېڭىشىش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مۇساپىرلارنىڭ قايتىشى ب د ت تەرىپىدىن بەلگىلگەن ئۈچ ئاساسىي ئۆلچەمگە ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، يەنى بىخەتەر، ئىختىيارىي ۋە ئىززەت – ئابرويى قوغدالغان شەكىلدە قايتىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر