ئاغرىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئاغرى ۋىلايىتىنىڭ تۇتاك ناھىيەسىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە ئاغرىنىڭ تۇتاك ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدا ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقنىڭ شىمالىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى تەسلىم بولغان.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھ جايلىرىدىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى سىلوپىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان.