تۈركىيە – رۇسىيە 12 نۆۋەتلىك ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى تاماملاندى
تۈركىيە قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قامىشلى – دەرىك رايونىدا ئېلىپ بارغان 12 – نۆۋەتلىك قۇرۇقلۇق ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرى تاماملاندى.
1315213
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا، 69 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئېلىپ بېرىلغان، ھەمدە پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملانغان ئورتاق چارلاش پائالىيەتلىرىگە، ھەر ئىككى تەرەپتىن 4 تىن ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتناشتۇرۇلغان.