«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلمايدۇ

تۈركىيە « ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ ھېچبىر ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپنى زەربە بېرىش نىشانى دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1306577
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى نىشان قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكاەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە تۈرلۈك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا، قىسىملىرىمىزمۇ قانۇنلۇق قوغدىنىش ھوقۇقى دائىرىسىدە ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بەرمەكتە. كوردلار، ئەرەبلەر، خىرىستىيانلار ۋە يەزىدىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچبىر ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپا <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر