تۈركىيە باغدادى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدلىبتىكى ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ دائېش كاتتىبېىشى ئەبۇ بەكىر ئەلباغدادىنىڭ ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدلىبتىكى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1295774
تۈركىيە باغدادى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدلىبتىكى ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە پ ك ك/پ ي د/ي پ گ تېررورلۇق تەشكلاتلىرىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئىتتىپاقداشلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رۇھىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ھەرىكەت جەريانىدا ئامېرىكا قىسىملىرى بىلەن ئۆزئارا توقۇنۇشۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزئارا بىرلىكتە خىزمەت قىلىش پىرىنسىپلىرىغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى ۋە ھەر قايسى قىسىملارغا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ شۇنداقلا ھەربىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تەرەپ شەنبە كۈنى كېچىدە ئىدلىبتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتتىن ئىلگىرى ھەربىي ئورگانلار ئارىسىدا مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا يەنە، «ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى ۋە ھەرىكەت جەريانىدا، دائېش ۋە پ ك ك/ پ ي د/ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئىتتىپاقداشلىق شۇنداقلا ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رۇھىغا ئۇيغۇن پوزىتسىيە تۇتۇلدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر