«ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كەتسە تۈركىيەمۇ سەلبىي تەسىركە ئۇچرايدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتسە تۈركىيەنىڭمۇ سەلبىي تەسىركە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1276038
«ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىپ كەتسە تۈركىيەمۇ سەلبىي تەسىركە ئۇچرايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان «سۈرىيە كىرىزىسى» تېمىلىق ئولتۇرۇشقا قاتناشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوبدان نەزەر تاشلاڭلار، كۆز ئالدىمىزدا بىر پالاكەت يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيە تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتسە، بۇنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان تەرەپ تۈركىيە بولىدۇ. دەرۋەقە، بىز 4 مىليون ئىنساننى باغرىمىزغا بېسىش ئارقىلىق ھەددىدىن زىيادە يۈكنى زىممىمىزغا يۈكلەۋاتىمىز. ئەمدىلىكتە يەنە 300 مىڭ سۈرىيەلىك ئىدلىبتىن قېچىپ، چېگرا لىنىيەلىرىمىزدە پاناھلىنىۋاتىدۇ.»

ئىدلىبنىڭ نوپۇسىنىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ نوپۇسىچىلىك كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇنداق بىر يۈكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر ئۈچۈن 40 مىليارد دولار چىقىم قىلغانلىقىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ نۇقتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

دېكابىردا جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك كۆچمەنلەر مۇنبىرى يىغىنىنىڭ كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ياخشى پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ،  كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتچانلىق ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن بۇ ھەقتە خەلقئارا جەمئىيەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىجابىي ۋە دائىمىي ياردەم كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكرارلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بىر كۆچمەنلەر كونفېرانسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ كونفېرانسقا قاتنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر