تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە يەنە ساقلاشقا سەۋرى قالمىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور دوكتور گۈلنۇر ئايبەت تۈركىيەنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەكلىپىگە ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، بىراق بۇ «S-400» لەردىن ۋاز كەچكەنلىكنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1271508
تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە يەنە ساقلاشقا سەۋرى قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەسلىھەتچىسى پىروفېسسور دوكتور گۈلنۇر ئايبەت تۈركىيە مىراس ۋەخپى بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (WACA) بىرلىكتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن «تۈركىيەنىڭ رايونلۇق مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىئىينەزىرى» ناملىق لېكسىيە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك سىياسەتلىرىدە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى يېتەرسىزلىكىنىڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن بۇرۇن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇاكىرەلەر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى بىنا قىلىش قارىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ نۇقتىدىن تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن مەزكۇر مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «تۈركىيە S-400 لەرنى تاللىدى، چۈنكى مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم تەلەپلەرنى قاندۇرغان تەكلىپ ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ، ناتونىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدۇ. S-400 لەردىن ئوخشىمىغان تاللاشلار كۈنتەرتىپكە كەلسە ئۇلارغىمۇ قاراپ چىقىمىز. <ۋەتەنپەرۋەر> لەر بۇلارنىڭ بېرى. بىراق، ئامېرىكا بۇنى <بىز تۈركىيەگە ۋەتەنپەرۋەر بېرەيلى، ئۇلارمۇ S-400 لەردىن ۋاز كەچسۇن> دەپ ئويلىمىسۇن. بىزنىڭ ئىشىكىمىز <ۋەتەنپەرۋەر> لەرگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرگە ئوچۇق. ئوخشاشلا بۇ S-400 لەردىن ۋاز كەچكەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىككى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەرلىك رايونى مەسىلىسىدە يەنە ساقلايدىغان سەۋرىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر