تۈركىيە مولدوۋاننىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مولدوۋانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1218492
تۈركىيە مولدوۋاننىڭ قۇددۇس قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مولدوۋانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارى ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«مولدوۋانىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قۇددۇسقا يۆتكىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز. پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسىنىڭ، ئىچكى سىياسەت چۈشەنچىلىرى بىلەن خەلقئارالىق قانۇن ئىختىلاپى ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىنىشىدىن ئىنتايىن ئەجەپلەنمەكتىمىز.»

باياناتتا، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرى، قۇددۇس توغرىسىدا قوبۇل قىلىنغان ب د ت قارارلىرىغا رىئايە قىلىشقا، قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىلدى.

مولدوۋا باش مىنىستىرى پاۋېل فىلىپ (Pavel Filip) سەيشەنبە كۈنى (11-ئىيۇن) تېل ئاۋىۋدىكى مولدوۋا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مولدوۋانىڭ ئەلچىخانا يۆتكەش قارارىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مولدوۋانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇ قاراردىن ۋاز كېچىشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر