«ئامېرىكىغا يېڭى دەلىل – ئىسپاتلار بېرىلدى»

تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار يېڭى دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليېم بارغا بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1218056
«ئامېرىكىغا يېڭى دەلىل – ئىسپاتلار بېرىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر گۈل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ئامېرىكا دائىرىلىرىغا ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەسىلە ھېسابلىنىدىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇش باسقۇچى ھەققىدە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل كۈنىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىقى بارلىقىغا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلار ۋە ھۆججەتلەرنى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇق، جۈملىدىن بۇ يېڭى ۋە مۇھىم دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليېم بارغا يەتكۈزدۇق. مىنىستىر ۋىليېم بارمۇ بىۋاسىتە بۇ مەسىلىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ھەم بۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ ھەقتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىنىشىغا تىلەكداشمەن. مىنىستىر ۋىليېم بار تەجرىبىلىك قانۇنشۇناس ھەم دۆلەت ئەربابىدۇر. شۇڭا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار يېڭى دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلۇشى بۇ باسقۇچنىڭ تېز تاماملىنىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر