چاۋۇشئوغلۇ: مالايشىيا بىلەن پاكىستان تۈركىيەگە نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مالايشىيا بىلەن پاكىستاننىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1211180
چاۋۇشئوغلۇ: مالايشىيا بىلەن پاكىستان تۈركىيەگە نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئېچىلغان تۈركىيە – مالايشىيا – پاكىستان ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ قۇرۇلتاي سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، پاكىستانلىق مەنسەپدېشى شاھ مۇھەممەد قۇرەشى ۋە مالايشىيالىق مەنسەپدېشى داتو سەيفۇددىن ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «مالايشىيا بىلەن پاكىستان تۈركىيەگە نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىكلەردۇر. ئىسلام دۇنياسىنىڭ چوڭ دېموكراتىك ۋە ئىقتىسادى كۈچلىرى سۈپىتىدە ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز ۋە ئورتاق ئىمكانىيەتلىرىمىزدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇرەشى بىلەن قايتىدىن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر