ئەردوغان چېگرا سىرتىدىكى «پەنچە» ھەربىي ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئۇتۇق تىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىراقنىڭ شىمالىنى ئۇۋا تۇتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىش ئۈچۈن «پەنچە ھەربىي ھەرىكەت پىلانى» غا ئىشتىراك قىلغان ئەسكەرلەرگە ئۇتۇق تىلىدى.

1209711
ئەردوغان چېگرا سىرتىدىكى «پەنچە» ھەربىي ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرگە ئۇتۇق تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خاكورك رايونىدىكى تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىغا كۆزىنى ئېچىش پۇرسىتى بەرمىگەن قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىزگە چېگرا سىرتىدىكى بۇ مۇشەققەتلىك ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۇتۇق تىلەيمەن. دۇئالىرىمىز سىلەر بىلەن بىرگە. ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىڭلار بولسۇن» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئەتىگەن بايانات بېرىپ، پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى پىلانى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە زەمبىرەكچى قىسىملار قوماندانلىقىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار ئۇۋا تۇتقان جايلارنى توپقا تۇتۇشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر