تۈركىيەنىڭ «دېڭىز بۆرىسى 2019 – يىللىق ھەربىي مانىۋېرى» ئاخىرىلاشتى
مانىۋېرغا 131 پاراخوت، 57 ئايروپىلان، 33 تىك ئۇچار بىلەن بىرگە يەنە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە قىسىملار قاتناشتى.
دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ، پىلانلىق مانىۋېرلاردىن بىرسى بولغان «دېڭىز بۆرىسى 2019 – يىللىق ھەربىي مانىۋېرى» نىڭ ئاخىرىقى كۈنىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سەرخىل كۆزەتكۈچى كۈنى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ مارمارىستا ئاقساز دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىكى زىيارىتىگە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ھەر قايسى قىسىم قوماندانلىرى ھەمراھ بولدى.
14 – مايدا باشلانغان مانىۋېرغا 131 پاراخوت، 57 ئايروپىلان، 33 تىك ئۇچار بىلەن بىرگە يەنە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە قىسىملار قاتناشتى.
«دېڭىز بۆرىسى 2019 – يىللىق ھەربىي مانىۋېرى» بىرلا ۋاقىتتا قارا دېڭىز، ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاق دېڭىزدا تەڭلا ئۆتكۈزۈلدى.
مانىۋېر دائىرىسىدە، يەرلىك قورال سىستېمىلىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك سۇ ئۈستى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئەسلىھەلىرى بىلەن ئوققا تۇتۇش، پاراخوتتىن قۇرۇغلۇققا كاتوشا ۋە راكىتامىيۇت بىلەن ھۇجۇم قىلىش، ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن ئېتىش، «UMTAS» ۋە «L-UMTAS» يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئوق... قاتارلىقلار بىلەن تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بىرىلدى.
مانىۋېر جەريانىدا دېڭىز ھايۋانلىرىنى ۋە ئۇلار ياشايدىغان مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى.
مانىۋېر تۈنۈگۈن ئاخىرلاشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.