ئاكار «S-400» لەرنىڭ ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلنى قوغداش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» لەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ، ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلنى قوغداش ئېھتىمالى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1184394
ئاكار «S-400» لەرنىڭ ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلنى قوغداش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا تۈرك مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى تەلەپ قىلىشىمىز، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ناھايىتى نورمال ئەھۋال. بۇ ئىگىلىك ھوقۇق، مۇستەقىللىق، خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە مەسىلىسىدۇر» دېدى.

ئۇ تەھدىتكە قارشى چارە ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى ئۈستىدە توختالدى ۋە نەتىجىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «S-400» سېتىۋېلىش ۋە «F-35» لايىھەلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ چۈشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«S-400 سۈرىيەدە ئورۇنلاشتۇرۇقلۇق، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىن مۇساپىدە F-35 لىرى بار. بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بار. بىز شۇنداق دەۋاتىمىز: كېلىڭلار مۇزاكىرەلىشەيلى، تېخنىكا جەھەتتىن ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان ھەر قانداق ئىشنى قىلايلى. بىز بۇلارنى ناتو سىستېمىلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرمەيمىز. بۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ مىللىي بولغان ۋە ناتو ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئەسلىھەلىرىمىز بىلەنمۇ بىر گەۋدىلەشتۈرمەيمىز» دېدى.

ئۇ «S-400» لەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان نۇقتىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلنىڭ مۇداپىئەسى بولۇش ئېھتىمالى بار. F-35 لەر مالاتيادىكى بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ «S-400» لەرنىڭ تۈركىيەگە تاپشۇرۇلۇش مۇساپىسى ھەققىدە، يېقىنقى ئۇچرىشىشتا، رۇسىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا ئېلان قىلغان «F-35» لەرگە مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگو ئېھتىمالىغا قارشى تۈركىيەنىڭ تەييارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا: «مەۋجۇت ئەھۋال دائىرىسىدىكى خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئېھتىماللىقلارغا قارشى ھەر تۈرلۈك تەييارلىقلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئېيتالايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» (Patriot) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپكە مۇناسىۋەتلىك ۋاقىت بەلگىلەنگەن ياكى بەلگىلەنمىگەنلىكى سوئالىغا: «ياق» دەپ جاۋاب بەردى ۋە تۈركىيەنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ «S-400» ۋە «F-35» لەرنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىچىدە بولماسلىق تەكلىپىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئۈستىلىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار سۈرىيەدە تەسىس قىلىش تەكلىپ قىلىنغان «بىخەتەر رايون» غا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەردى. ئۇ ئەنقەرەنىڭ كارىدورنىڭ كەڭلىكى 40-30 كىلومېتىرغىچە بولسۇن دېگەن تەلىپىنىڭ، تۈركىيەگە قارشى مودېل ئايروپىلانلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇملارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بىز بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ قولىدىكى قوراللارنىڭ ئېتىش مۇساپىسى 10 كىلومېتىر بولغان بولسا ئىدى، كارىدورنىڭ كەڭلىكىنى 10 كىلومېتىر بولسۇن دەيتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر