ئافرىندىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
سۈرىيەدە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 31 – مارت كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر ئەسكەر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.
1180772
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا 31 – مارت كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر ئەسكەر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا تاشلىغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسىگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە سەۋر - تاقەت تىلەيمىز ھەم تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.