تۈركىيە موزامبىكقا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە بوران - چاپقۇن ۋە سۇ ئاپەتلىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان موزامبىكقا ياردەم قولىنى سۇندى.

1173268
تۈركىيە موزامبىكقا ياردەم قولىنى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى موزامبىكتىكى پالاكەتنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان شەھەر ھېسابلىنىدىغان بېرىئا ئەتراپىدىكى نىھاماتاندا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى رەھبەرلىرىدىن سىرت يەنە، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرىمۇ قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىچىدىكى 600 بولاق تازىلىق ماتېرىياللىرى ئارقىلىق رايون خەلقىنى خولېرا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرندىن قوغداش نىشان قىلىنماقتا ئىكەن.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايون خەلقىگە يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر