ئەردوغان خەلقنى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانن ئىرقچىلىق ھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەممە ئادەمنى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

1168551
ئەردوغان خەلقنى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۇنيا مىقىياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىرقچىلىق ھادىسىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس مۇسەۋىلەر، ئاسىيالىقلار، رومەنلەر ۋە ئافرىلىقلارغىمۇ زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەممە ئادەمنى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

جۇمھۇ رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدە چاقىرىلغان جىددىي ھالەت ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

يېڭى زېلاندىيەدە 15-مارت جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ۋەقەلەرگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: جۈمە نامىزى ئەسناسىدا مەيدانغا كېلىپ 51 قېرىندىشىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە 47 قېرىندىشىمىزنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ئادەتتىكى ھۇجۇم ئەمەس. بۇ ۋەقەنىڭ تېگىدە ئۆچمەنلىك، ئازغۇنلۇق ۋە ئىنكارچىلىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر ياتىدۇ. دۇنيا مىقىياسىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىرقچىلىق ھادىسىسى مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس مۇسەۋىلەر، ئاسىيالىقلار، رومەنلەر ۋ ئافرىقىلىقلارغىمۇ زىيان سالماقتا، بۇنداق قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ۋە جامەلەرنىڭ قانغا بويالماسلىقى ئۈچۈن مەيدانىمىزنى روشەن قىلىشىمىز كېرەك، دېدى.

بۇنداق ۋەقەلەرگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئىجىمائىي ئىللەتلەرنى كۆرمەسلىككە سالساق بۇلارنى ھەل قىلالمايمىز، مەسىلىلەردىن قېچىپ، ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالساق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولالمايمىز. بىزگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە سۈكۈت  قىلىپ تۇرالمايمىز. بىز مەسىلىلەرگە سەل قارىساق مەسىلىلەر بارغانچە ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ.»

دائېش، ئەش-شەباب، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش يېڭىچە-ناتسىست تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان: دۇنيادا ئىسلام دۈشمەنلىكى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك خاھىشى كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلە سىياسەت، ئىجتىمائىي تەشكىلات، تەتقىقات لايىھەلىرىنىڭ تەتقىقات نىشانىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىپ كەتتى. بۇ تەھدىت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە كوچىدىكى پۇقرالارنىڭ مەسىلىسىدۇر، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر