ئەردوغان ترويا مۇزېيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ترويا مۇزېيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئەدە ترويا مۇزېيىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇزېينىڭ چاناققەلئەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن جەزبىدارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇش لايىھەسىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىكەنلىكىنى، مۇزېيچىلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتقانكىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 142 مۇزېيىمىزنى يېڭىلىدۇق، 52 يېڭى مۇزېينى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرى مۇزېيىنى رېمونت قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن، مۇزېي ۋە مەدەنىيەت يۇرتلىرىنى 2002 – يىلى 7.4 مىليون كىشى زىيارەت قىلغان ئىدى، 2018 – يىلى 28.2 مىليونغا يەتتى.»
ئۇ يەنە، ترويا مۇزېيىنىڭ چاناققەلئەنى تارىخى بىلەن قايتىدىن ئۇچراشتۇرۇش، بۇ قەدىمىي شەھەرنى دۆلىتىمىز، خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەكرار جەزبىارلىق مەركەزگە ئايلاندۇرۇش لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.