ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى خالىلزاد بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد بىلەن كۆرۈشتى.

1150011
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى خالىلزاد بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزاد بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەر مۇساپىسى، ئافغانىستاننىڭ بىرلىكى ۋە سىياسىي مۇقىملىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

كۆرۈشۈشتە يەنە، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاننىڭ دۆلەت تىنچلىقى مۇساپىسىدە ئۈستىگە ئالغان رولى ۋە قايتىدىن مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.

كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى رىشتىلەرنىڭ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەدىمكى دوستلۇقى ۋە قېرىنداشلىقىنىڭ ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ھەمدە ئىشەنچ مۇھىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر