مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ راشىد دوستۇم بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى راشىد دوستۇم بىلەن كۆرۈشتى.

1139255
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ راشىد دوستۇم بىلەن كۆرۈشتى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەسمىي تۇرالغۇسىدا ئافغانىستاننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى راشىد دوستۇمنى كۈتۈۋالدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئۇچرىشىشىمىزدا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇرەسسە باسقۇچلىرىنى مۇزاكىرىلەشتۈق. بارلىق ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان ياردەملىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر